11- ئىيون كۈنى تايلاند سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ناھەق ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ خەۋىرى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قايغۇغا سېلىش بىلەن بىرگە، غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىدى.بۇ ئىككى قېرىندىشىمىز پەقەت خىتاينىڭ زۇلمىدىن قېچىپ، دۇنيادىن ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئىزدەپ ئۆز ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلغان گۇناھسىز ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇلارنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ناھەق بىر شەكىلدە …









