ئابدىقادىر جالالىدىن زامان تەرەققى قىلسا ئىتلارمۇ مەككارلىشىپ كىتىدىكەن، بۇلار چۈچىگىدەك ياكى قاۋىغىدەك بىرەر ئەھۋال بولمىسىمۇ قاۋىشىدىكەن. بۇنداق قاۋاش ئىتلارنىڭ خوجايىنلىرىنى ئەمىن تاپقۇزۇپ خاتىرجەم ئۇخلىتىدىكەن. ئىتلارنىڭ سەۋەپسىز قاۋاشلىرى خوجايىنلار ئۈچۈن ئەللەي ناخشىسىمىكىنتاڭ، قاۋاش قانچە ئەۋجىگە چىقسا، ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھىس قىلىشقان خوجايىنلارنىڭ نىرۋىللىرى ئارامىغا چۈشىدۇ. بۇنى ئىتلارمۇ ياخشى بىلىۋالغان بولسا كىرەك ، ئىتلارنىڭ بىر كىچىلىك قاۋىشى بەدىلىگە …
