ئابدىقادىر جالالىدىن
زامان تەرەققى قىلسا ئىتلارمۇ مەككارلىشىپ كىتىدىكەن، بۇلار چۈچىگىدەك ياكى قاۋىغىدەك بىرەر ئەھۋال بولمىسىمۇ قاۋىشىدىكەن. بۇنداق قاۋاش ئىتلارنىڭ خوجايىنلىرىنى ئەمىن تاپقۇزۇپ خاتىرجەم ئۇخلىتىدىكەن. ئىتلارنىڭ سەۋەپسىز قاۋاشلىرى خوجايىنلار ئۈچۈن ئەللەي ناخشىسىمىكىنتاڭ، قاۋاش قانچە ئەۋجىگە چىقسا، ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھىس قىلىشقان خوجايىنلارنىڭ نىرۋىللىرى ئارامىغا چۈشىدۇ. بۇنى ئىتلارمۇ ياخشى بىلىۋالغان بولسا كىرەك ، ئىتلارنىڭ بىر كىچىلىك قاۋىشى بەدىلىگە ئەتىسى ئۇلارنىڭ يالاقلىرى ئىلتىپات بىلەن توشىدۇ.
تاڭ قوياشى ئىتلارنىڭ زۇۋانىنى ئۆچۈرگەندە، خوجايىنلارنىڭ تىرىكچىلىك ھەركىتى باشلىنىپ كىتىدۇ.تۈنبويى قاۋاپ ھالسىرىغان ئىتلار ھويلا-ھويلىدا تۇمشۇقلىرىنى يەرگە تەككۇزۇپ، غىدىقلاپ ئاۋارە قىلىۋاتقان ئىت چىۋىنلىرىنى خوش ياقمىغاندەك قورۇپ قويۇپ، سۇنايلىنىپ يېتىشىدۇ. ئۇلار ئۆزى ساداقەت ئىزھار قىلىۋاتقان خوجايىنلىرىنىڭ ھويلىسىغا ناتونۇش كىشىلەر كىرىپ كىلىشنى مۈمكىن قەدەر خالىمايدۇ. ياتلار كىرگەندە ئىتلار ئۆزلىرىنىڭ ئىتلىق بۇرچىنى دەرھال ئادا قىلمىسا بولمايدۇ-دە! ئۇلار ھېچ بولمىغاندا سالپايغان قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىشى ياكى بىر ئىككى مەرتەم قاۋاپ قويىشى ، ھەتتا زۆرۈر تېپىلغاندا بوينىدىكى زەنجىرنى سىلكىپ شاراقشىتىپ قويىشى كىرەك. ئىت بۇ ھەركەتلەرنى ئىجىرا قىلغاندا خوجايىننىڭ ئەلپازىنى كۈزىتىشكە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك . ئۇ خوجايىن «ھەي »دىگەندە توختاپ قېلىشى كىرەك.
قىزىق يىرى ئىت قەۋمى كوسۇكقا چۈشكەن قانجۇقنى كۆرگىنىدە جىم بولىشىدۇ . بىر قانجۇق ئوننەچچە كوسۇكنى غالجىرلاشتۇرالايدۇ. ئىتلارنىڭ بۇنداق ۋاقىتتىكى بىرلەشكەن كوللىكتىۋىزىملىقى قانجۇقتىن نىسىۋە ئېلىش تاماسىدا ۋوجۇتقا چىققان. ئۇلارنىڭ ئەلپازىدىن ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇرىدۇ، دىمەك ئۇلار بىر-بىرىگە خىرىس قىلىش يۈزىسىدىن بىر يەرگە كىلىشىدىكەن .ئۇلار غالجىرلىقىنى قاندۇرۇش يۈزسىدىن بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىكەن. ئىت ئۆزىگە سۆڭەك تاشلاپ بەرگەن خوجايىنىنى كۆرسە، ئېسىلىپ ئەركىلەپ كىتىدۇ، قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ ،غىڭشىغان ھالدا ناز قىلىدۇ. لىكىن ئۆز قەۋمىدىن بولغان بىر تائىپە ئەزانى كۆرگەندە دەرھال ھۆرپىيىپ ، چىشلىرىنى دىڭگايتىپ خىرىلداشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇنىڭدەك ئىت مىجەز كىشىلەر ئىتنىڭ بۇنداق تەبىئىتىنى تالىتىش ئارقىلىق ۋايىغا يەتكۈزىدۇ. خوجايىنلىرىغا لەززەت بىرىش ئۈچۈن بىر بىرى بىلەن تالىشىپ ، قان بولۇپ كىتىدۇ، ھەتتا ئۆز قەۋمىدىن بولغان تائىپىنى تالاپ ھاياتىدىن جۇدا قىلىدۇ. بۇنۇڭ بەدىلىگە دۇغا چىققان خوجايىنلار مەخسەتلىرىگە يىتىدۇ.
ئىتلارنىڭ ئىچىدە ئوۋ ئىتلىرى بىر ئاز جەڭگىۋار كىلىدۇ، لىكىن ئۇلارمۇ خوجايننىڭ كۆزىگە قاراپ ياشايدۇ.
مەھەللىمىزدە قوغۇنلۇققا، ھويلا-ئاراملارغا قارايدىغان ئىتلار كۆپ بولسىمۇ ، لالما ئىتلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. ئۇلار باشقا ئىتلارغا قارىغاندا مۇلايىم بولاتتى . ئۇلار مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ قولىدىكى پارچە نانلار بىلەن مەئىشەت تاپاتتى . لالما ئىتلار ئادەم چىشلىمىگەن بىلەن ، ئاخشاملىرى ھەممىدىن بەك قاۋايدۇ.
كىيىن مەن چوڭ بولۇپ باشقا يۇرىتلارغىمۇ باردىم ، شەھەرلەردىمۇ ياشىدىم . شەھەرلەردە ئارزۇلۇق ئىتلارنىڭ تولىلىقىنى كۆردۈم. شەھەرلەردىكى ئىتلار ئەپچىل، ئوماق پاكىز كىلىدىكەن ، ئۇلار ئەركىلەشكە ناھايتى ئۇستا كىلىدىكەن ، ئۇلارنىڭ ئەركىلەشلىرى ئالدىدا مەھەللىمىزنىڭ ئىتلىرى يىپ ئىشىپ بىرەلمەيدىكەن . ئۇلارغا باققاندا مەھەللىمىزنىڭ ئىتلىرى قوپال، كىلەڭسىز، يېقىمسىز تۇيۇلىدىكەن . گەرچە مەھەللىمىزنىڭ ئىتلىرى ئۆز خوجايىنلىرىغا ئۈنۈملۈك خىزمەت كۆرسەتسىمۇ، تەييارتاپ شەھەر ئىتلىرىدەك ئىززەتتىن بەھرىمەن بولالمايدىكەن . ئۇلارنى ئادەم يەيدىغان ئىسىل گۆشلەر بىلەن باقىدىكەن . شەھەرلەردە ئاساسەن دىگۇدەك قاۋۇل زەبەردەست، ئۆزىنى بىلىدىغان ئىتلارنىڭ ھاجىتى يوقكەن . نوچى ، كۈچلۇك ئىتلار ساقچىلار ھەم ھەربىيلەرنىڭ گازارمىللىرىدا تەربىيە ئالىدىغان بولسا كىرەك . شەھەر ئىتلىرى قانچە مۇلايىم بولسا خوجايىنلارنىڭ ياقتۇرىشىغا شۇنچە ئىرىشەلەيدىكەن . ئۇلار ياپىراقتەك نىپىز ئەۋرىشىم تىللىرى بىلەن خوجايىنلارنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرۈپ ،كۆڭلىنى ئالالايدىكەن.
كىنۇ تىلىۋىزىيە مىنى تېخىمۇ ئۆزگىچە ئىتلارنى كۆرۈش ۋە بىلىش پۈرسىتىگە ئىگە قىلدى. غەرىبلىكلەر ئىتنى ئاجايىپ چوڭ بىلىدىكەن . ئىڭەكلىرى ساڭگىلاپ تۇرغان ، قۇلاقلىرى كىلەڭسىز ، خۇددى بوۋاي -مۇمايلارغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئىتلار پادىشاھلارنىڭ ھەشەمەتلىك خانىللىرىنىڭ ئەركىسى بولالايدىكەن . بەزى ئىتلار رەئىس جۇمھۇرلار بىلەن بىللە ئالى داچىلارغا بارالايدىكەن . ئادەمزاتنىڭ شور پىشانىللىرى كۆرەلمىگەن رەئىس جۇمھۇر ، ئۇنداق ئىتلارنىڭ دائىملىق پاناھگاھى بولالايدىكەن.
غەرىپتە مەخسۇس ئىتقا ئاتاپ ئىشلەنگەن چاتما فىلىملەر بولىدىكەن . ئۇلاردا ئادەملەردىنمۇ ئەقىللىق ئىتلار رول ئالىدىكەن . مۇشۇ كۈنلەردە مەھەللىمىزنىڭ ئىتلىرى ئاشۇنداق ئىتلارنىڭ بارلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟
قارىغاندا خوجايىن دىۋەڭ ، ئەقىلسىز بولۇپ قالسا ھايۋانغىمۇ ئېغىرچىلىق بولىدىكەن ، خوجايىن مەرىپەتلىك بولسا ھايۋانغىمۇ بەھۇزۇر بولىدىكەن .
بۇ ئىتلارنىڭ نەسىللىرىمۇ خىلمۇ -خىل بولىدىكەن . لىكىن بىر خىل يىرى ،بۇ ئىتلار ھويلا -ھويلىدا ، ئۆي-ئۆيدە تۈرلۈك خوجايىنلارغا تەقسىملەنگەن ئىكەن. دۇنيادا دىنۇزاۋۇردەك بەھەيۋەت مەخلۇقلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتىپتۇ ، شىر يولۋاسلاردەك قەيسەر جانۋارلارنىڭمۇ سانى ئازىيىپ قاپتۇ . لىكىن ئىتلار يەنىلا ئىت پىتى ياشاۋىرىپتۇ . زادى بۇ ئىككى قىسمەتنىڭ قايسسى ئەلادۇر؟ تەقدىرئەزەل ئەجەپمۇ سىرلىق بولىدىكەن ، بىراق مۇشۇ سىرلىق دۇنيا ئىنسان ئەقلىنىڭ دائىملىق خېمىرتۇرۇچى بولۇپ كەلگەن .
بىزدە ئىت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ دىگەن قاراش بار . بۇ ئىتنىڭ خۇيىنى چۈشەنمىگەن كىشىلەر ئۈچۈن خۇراپى سۆز بولۇپ تۇيۇلىدۇ. بىراق ھايات ئىقلىمىغا ئىنچىكە سەپسېلىپ پىكىر قىلساق ، ئۇ گەپنىڭ تېگىدە بىباھا ھىكمەتنىڭ ياتقانلىقىنى بايقايمىز.
ئىت بار ئۆيگە نىمە ئۈچۈن پەرىشتە كىرمەيدۇ ؟
ئىت باشقىلار ئۈچۈن ئۆز قەۋمىگە قاۋايدۇ.
ئىت باشقىلار ئۈچۈن ئۆز قەۋمىنى تالايدۇ.
ئابدۇقادىر جالالىددىننىڭ «ئىنسانى سۈپەت مەنزى» لىدىن

