—2026 يىلى 30- ماي شەنبە كۈنى، ئىستانبۇلنىڭ ئاۋچىلار (Avcılar) دېڭىز ساھىلىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىزدىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن كەڭ كۆلەملىك قۇربان ھېيتلىق بايراملىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مۇساپىرچىلىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب رىشتىسىنى كۈچەيتىش، ئۆز-ئارا جەم بولۇش ۋە ھېيتلىشىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدا ياشاۋاتقان كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار قاتناشتى. …









