Uncategorized

يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسىنىڭ «3- نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيى» غا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

2025- يىلى 19- ئۆكتەبىر تۈركىيەدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ «3. نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيى» ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ئىمىرھەسەن ھاجىم تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى سەھنە مەركىزىگە ئېسىلغان بۇ پائالىيەتكە نەچچە ئونمىڭلىغان كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئىمىرھەسەن ھاجىم  يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى رەئىسى فاتىھ ئەرباقان، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە مىللەت مەجىلىسىدىكى ئاۋازى بولۇپ كىېلىۋاتقان دوغان بېكىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.

Leave a Reply

Discover more from شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading