2026- يىلى 28- ئىيول كۈنى ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان «ئۇيغۇر ئېلىم ۋە مەدەنىيەت مەركىزى» دە «28- ئىيول يەكەن ئېلىشقۇ قەتلىئامىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15كە يېقىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتى، چۈشتىن كېيىن سائەت 18:00 دە رەسمىي باشلاندى. پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتناشتى.
پائالىيەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىگە ۋەكالىتەن فېدېراتسىيە مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇت داموللام مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە يەكەن ئېلىشقۇدا يۈز بەرگەن ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە قىسقىچە توختالغاندىن كىيىن، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھەق-ئادالەت ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەت تەلەپ قىلغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇل بىلەن قىرغىن قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت، كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان يەنە بىر مۇھىم خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

