خەۋەرلەر

ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا «5- ئىيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرلەش ۋە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن ئىستانبۇلنىڭ سارىيە رايونىغا جايلاشقان خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا  2009- يىلى خىتاي كوممۇنېستلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان «5-ئىيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 17 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق نامايىش تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 تىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئورتاق تەشكىللەنگەن بولۇپ، نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار قوللىرىدا كۆك بايراق ۋە خىتاينىڭ زۇلمىنى پاش قىلىدىغان تۈرلۈك شوئارلار يېزىلغان تاختايلارنى كۆتۈرۈشۈپ، 2009- يىلى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى ئەسلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى كۈچلۈك نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

نامايىش چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دە رەسمىي باشلاندى ۋە ئورتاق تەشكىللىگۈچى تەشكىلاتلارنىڭ كۆپ قىسىم ۋەكىللىرى نۆۋەت بىلەن سۆزگە چىقىپ، بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار سۆزلىرىدە 17 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ھەق-ھوقۇق ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن شەھىدلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى ۋە تارىخىي ئىش-ئىزلىرىنىڭ ھەرگىز ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى، بۇ مۇقەددەس دەۋانىڭ تېخىمۇ جانلىق بىر شەكىلدە داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇ نامايىشتا شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى ھەسەن ئابلىز ئەپەندىم شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىگە ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، دەۋا يولىدىكى قەدىرلىك سەپداشلار، ھەر قايسى تەشكىلات رەئىسلىرى ۋە ۋەكىللىرى، ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ گۈزەل سالامى ۋە رەھمىتى بولسۇن!

بۈگۈن بىز بۇ يەردە 2009- يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە خىتاي كوممۇنېست تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە شەھىد قىلىنغان قەھرىمانلىرىمىزنى ياد ئېتىش، ئەسلەش، ئۇلارنىڭ روھىنى تىرىك تۇتۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق، ئادالەت ۋە ھۆررىيەت كۆرەشلىرىنىڭ ساداسى بولۇش ئۈچۈن جەم بولۇپ تۇرۇپتىمىز.

ئارىدىن 17 يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ قەتلىئام، بۇ ۋەھشىيلىك ۋە بۇ ئازاپلىق قىرغىنچىلىقنىڭ قانلىق ھىدى ھېلىھەم بۇرنىمىزغا ھازىرقىدەك پۇراپ تۇرماقتا. چۈنكى ئادالەت ئۆز ئورنىنى تاپالمىغان ھەرقانداق ۋەقە، قەتلىئام ۋە قىرغىنچىلىق شۇنداقلا ئۆتۈپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئۇ ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ مۇستەقىللىقكە ئىنتىلگەن يۈرىكىدە، ئىنسانلىقىنى يوقاتمىغان ھەر بىر ۋىجدان ئېگىلىرىنىڭ دۇئالىرىدا مەڭگۈ ھايات ياشايدۇ.

5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى پەقەت بىر تارىخلا ئەمەس، بەلكى ئۇ _ مىڭلىغان ئائىلىلەر پارچىلانغان، ئونمىڭلىغان ياشلار ھاياتىدىن ئايرىلغان، يۈز مىڭلىغان پەرىشتە سۈپەت ئانىلار ئۆز ئەۋلادلىرىغا تەلمۈرگەن، مىليونلىغان ئىنساننىڭ يۈرەكلىرى غەزەپتىن پۇچۇلانغان، ئازاب چەككەن، ھەر  بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ خاتېرىسىدە ئۇنۇتۇلماس ئىز قالدۇرغان قانلىق بىر كۈندۈر.

بۈگۈن بىزنىڭ بۇ يەردە جەم بولۇشىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ نەپرەت ئۇرۇقىنى چېچىش، قانداش ۋە دىنداش قېرىنداشلىرىمىزغا قۇلايسىزلىقلار ئېلىپ كېلىش ئەمەس، بەلكى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقنى ئەسلىتىش، ئۇلاردىن ئادالەت تەلەپ قىلىش، ۋىجدانلىق ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانىغا خىتاب قىلىشنى مەخسەت قىلىدۇ. بىز ھەق-ھوقۇقنىڭ، قانۇننىڭ، ئىنسانلىق قەدىر-قىممەتنىڭ ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئورتاق بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بولۇپ قالماستىن، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ، ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ، مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكنىڭ، شۇنداقلا ئىنسانىيەت ھورمىتىنىڭ قوغدىلىش مەسىلىسىدۇر. بىز ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ مىللىتى، تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي كۆز قارىشى سەۋەبىدىن بېسىمغا ئۇچرىمايدىغان، يوق قىلىنىش ئوبىكتى قىلىنمايدىغان بىر ئىمكانىيەتكە ئىرىشىشىنى، 30 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ۋە 1 مىليون 60 مىڭ كوۋادىرات كېلومېتىردىن ئارتۇق جۇغراپىيەگە ئېگە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارقىلىق بۇ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئېگە بولىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

بىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى جاسارەت، سەبىر-تاقەت، ئىتتىپاقلىق ۋە چېكىنمەس كۆرەشلىرىمىز بىلەن قوغداشنى داۋام قىلىمىز. بىز ھەرگىز يالغۇز ئەمەس، مانا بۇ يەردىكى بارچە قېرىنداشلىرىمىز بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.

بىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قانلىق تاپىنى ئاستىدا شەھىد قىلىنغان، تۈرمە ۋە لاگىرلاردا خورلىنىۋاتقان ئون مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ساداسى ۋە ۋىجدانى بولىۋاتىمىز. بۇ ئارقىلىق زالىملارغا ۋە تاجاۋۇزچىلارغا ۋەھشىيلىك ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ مەڭگۈ ئۇنۇتۇلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىمىز.

بىز ھەر خىل جەمئىيەت، تەشكىلات ۋاقىپ ۋە ئورگانلارغا تەۋە بولغان بولساقمۇ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ھەممىمىز ھەرقانداق ۋاقىت ۋە شارائىتتا بىر يۈرەك ۋە ئورتاق ۋىجداننىڭ ۋەكىللىرىمىز.

سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا، بۇ يەردە بولغان پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمىزغا، ياشلىرىمىزغا، خانىم-قىزلىرىمىزغا ۋە بۇ يولىدا يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بارچە قېرىنداشلىرىمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. شۇنداقلا بىزگە قۇچاق ئاچقان تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

ئاخىرىدا، ئاللاھتىن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۈتۈن شەھىدلىرىمىزگە رەھمەت، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەبىر ۋە جاسارەت تىلەيمەن.

ئاللاھ پات پۇرسەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇستەقىللىق، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئادالەت، تىنچلىق نېسىپ قىلسۇن. ھەممەيلەنگە سالامەتلىك يار بولسۇن. ئاللاھقا ئامانەت!

كۈچلۈك چاقىرىق، جانلىق شۇئار ۋە نوتۇقلار بىلەن قىزغىن داۋاملاشقان بۇ نامايىش سائەت 12:30 دا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تەسىرلىك دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى. دۇئادا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ئەزىز جانلىرىنى ئاللاھ يولىدا پىدا قىلغان پۈتۈن شەھىدلەرگە ئاللاھتىن مەغپىرەت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە پات پۇرسەتتە مۇستەقىللىقنىڭ نېسىپ بولىشى تىلەپ ئۆتۈلدى.

Leave a Reply

Discover more from شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading