11- ئىيون كۈنى تايلاند سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ناھەق ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ خەۋىرى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قايغۇغا سېلىش بىلەن بىرگە، غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىدى.
بۇ ئىككى قېرىندىشىمىز پەقەت خىتاينىڭ زۇلمىدىن قېچىپ، دۇنيادىن ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئىزدەپ ئۆز ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلغان گۇناھسىز ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇلارنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ناھەق بىر شەكىلدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىلىرىگە، ئىنسانلىق ۋىجدان ۋە ئەڭ تۆۋەن ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپتۇر.
بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تايلاند ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ سىياسىي بېسىمىغا بوي ئەگمەسلىكىنى، بۇ ناھەق ھۆكۈمنى دەرھال توختىتىشىنى ۋە بۇ ئىككى گۇناھسىز ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ياكى ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلىشى — ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تەڭ شېرىك بولۇش ھېساپلىنىدۇ.
ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرى 21- ئەسىردە كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئادالەتسىزلىككە سۈكۈت قىلماسلىقى، بۇ ئىككى قېرىندىشىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بۇ ئىككى قېرىندىشىمىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە دېپلوماتىيە يوللىرىدا جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز.
بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئىككى ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئەڭ يۇقىرى چەكتە دىققەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە قولىمىزدىن كەلگەن بارچە ئىمكانىيەتلىرىمىزنى سەرىپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىمىزنى كەڭ خەلقىمىزگە بىلدۈرىمىز. ئاللاھتائالادىن تايلاندتىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەھبۇس قېرىنداشلىرىمىزغا تېزراق نىجاتلىق ۋە ئازادلىق بىرىشىنى تىلەيمىز.
ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى
تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ھەققىدە

