—2026 يىلى 30- ماي شەنبە كۈنى، ئىستانبۇلنىڭ ئاۋچىلار (Avcılar) دېڭىز ساھىلىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىزدىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن كەڭ كۆلەملىك قۇربان ھېيتلىق بايراملىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مۇساپىرچىلىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب رىشتىسىنى كۈچەيتىش، ئۆز-ئارا جەم بولۇش ۋە ھېيتلىشىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدا ياشاۋاتقان كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار قاتناشتى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 بىلەن باشلانغان بۇ ھېيتلىشىش پائالىيىتى سائەت 17:00 گىچە ئىنتايىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋاملاشتى. پائالىيەت جەريانىدا كەلگەن بارلىق مېھمانلارغا ئالاھىدە تەييارلانغان ھېيتلىق تاماقلار تارتىلدى.
بۇ پائالىيەتتە، كەلگۈسىمىزنىڭ ئۇلى بولغان ئوماق پەرزەنتلەرگە ھېيتلىق سوۋغاتلار بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە، ياشلار ئوتتۇرىسىدا ئارغامچا تارتىشىش ۋە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ئويۇشتۇرۇلدى. پائالىيەت ئىنتايىن كەسكىن ۋە قىزىقارلىق مۇسابىقىلەر بىلەن داۋام قىلىپ، قاتناشقۇچىلارغا ئۆزگىچە بىر ھېيت خۇشاللىقى ئېلىپ كەلدى.
پائالىيەتتە، ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى نۆۋەت بىلەن سۆزگە چىقىپ، مۇھىم بايراملىق تىلەكلەرنى ۋە جەمئىيەت خىزمىتىگە ئائىت كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.
شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى ئىمىرھەسەن ھاجىم فېدېراتسىيەگە ۋەكالەتەن مۇنبەرگە چىقىپ، مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە، مۇساپىرچىلىق شارائىتىدا مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش، ياش ئەۋلادلارغا بايراملىق ئەنئەنەلەرنى يەتكۈزۈش ۋە تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك-ھەمكارلىقنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قانچىلىك ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
پائالىيەتنى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان باشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە سۆز قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ۋە ئىستانبۇلدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى قۇتلۇقلىدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا، كەلگۈسىدىكى مۇبارەك ھېيت-بايراملارنى ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقەددەس تۇپراقلىرىدا، ئەركىن ۋە خۇشال-خۇرام شارائىتتا جەم بولۇپ، يەنە موشۇنداق تەبرىكلەشنىڭ نىسىپ بولىشى ھەققىدە تەسىرلىك دۇئالار قىلىندى ۋە پائالىيەت غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.



