10- ئاينىڭ 01- كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 76- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى» ۋە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا «شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەزا تەشكىلاتلار، شۇنداقلا باشقا بىر قانچە قېرىنداش تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىش ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كىيىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا ئەپەندىم خىتاي ئىشغالىغا قارشى باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى. نامايىش جەريانىدا ھەر قايسى تەشكىلات مەسئۇللىرى نۆۋەت بىلەن سۆز قىلىپ ئۆتتى. سۆز قىلغانلار ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرىگە ۋەكالەتەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى باش مەسلىھەتچىسى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىم، دارۇل ئىمان ئاكادېمىيەسى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەقپى رەئىسى مەھمۇد داموللام، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى ۋەكىلى دىلشات بارىشچى… قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ۋەھشىيلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، بۇنىڭغا قارىشى دۇنيانىڭ سۈكۈتتە تۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلەپ ئۆتتى.
نامايىش ئاخىرىدا ئاۋىستىرالىيەدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسالام ئالىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قىلنىشى كېرەك بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. نامايىش، ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئوپچە دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

