Uncategorized

شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى ھەققىدە

شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى 2019- يىلى ئۇستاز ھەبىبۇللاھ ھاجىم كۈسەنىي باشچىلىقىدا بىر قىسىم يۇرت ئاقساقاللىرى، جامائەت ئەربابلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە ياردەمدە بولۇشى نەتىجىسىدە «شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى» نامىدا قۇرۇلدى ۋە 2020- يىلى 8- ئايدا تۇنجى قېتىملىق سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، مەھمۇد داموللام باش كاتىپلىققا سايلاندى. 2021- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، «شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى» نامىدا رەسمىي ئورگان بولۇپ قۇرۇلدى.

 شۇنىڭدىن كىيىن شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى «ۋەكىللەر مەجلسى»، «ئىدارە ھەيئىتى»، «تەپتىش ھەيئىتى» قاتارلىق ئورگانلارنى تەسىس قىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە «ۋەكىللەر مەجلىسى» نى فېدېراتسىيەنىڭ ئەڭ ھوقوقلۇق ئورگىنى قىلىپ بېكىتپ، ئۇنى فېدېراتسىيەدىكى ئەزالارنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈردى.

فېدېراتسىيە نىزامنامىسىنىڭ بىرقىسىم مەزمۇنلىرى:

1 – ماددا: فېدېراتسىيەنىڭ ئىسمى — شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى.

2 – ماددا: دۆلىتىمىزنىڭ ئسمى — شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى.

3 – ماددا: بايرىقىمىز — ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق.

4- ماددا: دۆلەت گىرىبىمىز — 1933 ۋە 1944- يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزدە ئىشلىتىلگەن دۆلەت گېرىبى.

5- ماددا: دۆلەت ناخشىسى — 1933- يىلى مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندى تەرپىدىن يېزىلغان ۋە ئورۇنلانغان «ئىستىقلال مارشى» نۇسىخىسى.

6- ماددا: فېدېراتسىيەنىڭ تۈپ مەقسىتى — شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مىللىتىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەش.

10-ماددا: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ۋە ئۇنى ئۈستۈن قىلىش.

11- ماددا: شەرقىي تۈركىستان دىئاسپوراسىدىكى تەشكىلاتچىلىق پائالىيەتلىرىنى ھازىرقى زامانغا مۇناسىپ شەكىلدە سستېمىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش. مىللىتىمىزنى ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە تېخىمۇ ئاكتىپ قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن تەشكىلىنىشنى كۈچەيتىش.

12- ماددا: مىللىتىمىزدىكى چېچىلاڭغۇلۇقنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئۆز-ئارا قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان يول ۋە تەدبىر بەلگىلەش.

13 – ماددا: مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە غەلبە قىلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي مەنبە يارىتىش.

14- ماددا: مىللىتىمىزنى تەشكىلاتىمىزغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن, پىلان ۋە تەدبىرلەرنى.

16- تەشكىلاتىمىز ئېھتىياج تېپىلسا، پىرىنسىپ ۋە غايە-نىشانلىرىدا ئورتاق بولغان ھەر قانداق ئورۇن ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدۇ

فېدېراتسىيەگە ئەزا ئورگان، ۋەقىپ، جامائەت ۋە شەخىسلەر:

شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مېديا ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرى ۋەقپى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىتىپاقى جەمئىيتى، دارۇل ئىمان ئاكادېمىيەسى، ئوقۇ-ئۇيغۇر بىلگ يۇرتى ۋەقپى قاتارلىق ئورگانلار.

شەرقىي تۈركىستان يۇرت ۋەكىللىرى: ئۈرۈمچى ۋەكىلى، قاراماي ۋەكىلى، ئىلى ۋەكىلى، تۇرپان-قۇمۇل ۋەكىلى، ئۈچ تۇرپان ۋەكىلى، ئاقسۇ ۋەكىلى، يوپۇرغا ۋەكىلى، يەكەن ۋەكىلى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاقساقاللار ۋە ياشلار ۋەكىللىرىدىن ئىبارەت بىر قانچە شەخستىن تەركىپ تاپماقتا.

فېدېراتسىيە تارمىقىدىكى زاۋۇت، شېركەتلەر :

2020- يىلى 8- ئايدا «شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى تىجارەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىىتىش مەخسەت قىلىنغان. بۇ گۇرۇپنىڭ مەسئۇللىقىغا مول تەجرىبىگە ئىگە قۇربان ھاجىم سايلاپ چىقىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ بازار كۈزۈتۈش تەجرىبىسى ۋە مۆلچەرلىشى نەتىجىسىدە بىر رېزىنكە زاۋۇتى ۋە بىرقانچە ئاتولىيە (كىيىم تىكىش زاۋۇتى) قۇرۇلۇپ، تۇنجى قەدەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ تىجارەت باشلاندى. بۇنىڭغا خەلقىمىز ئىچىدىن 55 نەپەر كشىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ھەر بىر كىشى 10.000 لىرا (ئون مىڭ لېرا) دىن پۇل چىقىرىپ، جەمئى 550 مىڭ لىرا پۇل جەملەندى. بۇ پۇل بىلەن بىر قانچە زاۋۇت قۇرۇلدى ۋە ھازىرغا قەدەر ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ھېسابات قىلىنىپ، پايدا پۇلنىڭ مەلۇم مىقدارى ھەمكارلاشقۇچىلارغا ئايرىپ بىرىلدى.

شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى بۇنىڭدىن كېيىن تىجارىي ساھەنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، زاۋۇتلارنى كۆپەيتىپ ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقىمىز ئىچىدىن ھەر قانداق شەخىس ياكى ئورۇنلار بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. ئۇ زاۋۇتلىرىمىزغا ئۆز خەلقىمىزنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، خەلقىمىزنى ئەڭ ياخشى بولغان ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

2021يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى فېدېراتسىيەرىمىز قۇرۇلغاندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر بىرقىسىم پائالىيەتلەرنى قىلىندى بۇلاردىن ئاساسلىقى:

شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلاردىن نوپۇس ئۈچۈن چاقىرىق كىلىپ، بىر مەزگىلدىن كىيىن رەت قىلىنغان ۋە ھەتتا نورمال كىملىكىمۇ بىكار قىلىنغان قېرىنداشلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،  «كۆچمەنلەر ئىدارىسى» باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈلدى ۋە بۇمەسىلىنىڭ ھەل قىلنىشى ئۈچۈن دوكىلات سونۇلدى.

2022- يىلى 2- ئاينىڭ 13- كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھۆكۈمېتى يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى نوختىلىق تونۇشتۇرۇلغان دوكىلات ھازىرلىنىپ، تونۇلغان شەخىسلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان ئورۇن ۋە شەخىسلەرگە ھەر خىل يوللا بىلەن ئەۋەتىلدى. بۇ خىزمەت ئىمكانىيەتلىرىمىز يار بەرگىنىچە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ.

ياشلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش:

فېدېراتسىيە ياشلارنى تەربىيلەش، يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى موھىم ۋە تەخىرسىز ئىشلار قاتارىدىن دەپ قاراپ، بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە، بۇنىڭ بىلەن ياش ئەۋلادلارغا دىن بىلەن پەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا دەرىسلىك پىلانى تۈزۈپ، پەن بىلەن دىننى بىرلەشتۈرەلەيدىغان، بىلىمىنى دىنى ئۈچۈن، مىللىتىنڭ ئازادلىقى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدىغان بىر ئەۋلاتلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تىرىشماقتا ۋە شۇنداقلا ئونۋېرستىتا ئوقۇۋاتقان ياشلاردىن بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۇلارنى سىياسىي، دىنىي، مىللي ئاڭغا ئىگە ۋە تەشكىلاتلىشىش روھىغا ئىگە قىلىپ تەربىيلەپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ تايانىچ كۈچلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھەركەت قىلماقتا.

فېدېراتسىيە نېزامنامىسىنىڭ 16- ماددىسىدىكى «فېدېراتسىيە ئىھتىياج تېپىلسا پىرىنسىپ ۋە غايە-نىشانلىرىدا ئورتاق بولغان تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدۇ» دىگەن پىرىنسىپىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىىدىكى پىرىنسىپ ۋە غايە-نىشاندا ئورتاق بولغان تەشكىلات، ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. شۇلار قاتارىدىن فېدېراتسىيە 2020- يىلىدىن بۇيان ھازىرغا قەدەر «لاگېرى قۇربانلىرى» نامىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياشلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلۋاتىدۇ ۋە ئۇلارنى ماددىي-مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ كىلىۋاتىدۇ.

2020 – يىلى سېيت تۈمتۈرۈك ھاجىم بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى نوپۇسقا تىزىملىتىلماي قېلىپ قالغان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ماتىرياللىرى ھازىرلىنىپ، ئەنقەرەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا يەتكۈزۈلدى.

2022- يىلى 3- ئايدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىدە قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي خىزمەتلەر ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە فېدېراتسىيەنىڭ ساھىپخانلىق قىلىشى بىلەن، سافاكۆيدىكى مەركىزىمىزدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، فېدېراتسىيەنىڭ تارمىقى بولغان سودا-سانائەتچىلەر گۇرۇپپىسى 2020- يىلىدىن بۇيان ئىستانبولنىڭ سېلىمپاشا رايۇنىننى مەركەز قىلغان ھالدا بىر ئۇيغۇر مەھەللىسىى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، بۇ پىلان ئاساسىدا ھەركەت قىلىۋاتىدۇ ۋە بىر قىسىم پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولدى.


جاۋاب يېزىش