Uncategorized

شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى نېزامنامىسى

بىرىنچى باب: ئۇمۇمىي پرىنسىپ
1- ماددا: تەشكىلاتنىڭ ئىسمى — شەرقى تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى (ش ت ف)
تۈركچە ئىسمى — (DTF) Doğu Türkistanlılar Federasyonu
ئەرەبچە ئىسمى — فدرلة التركستان الشرقية
ئىنگىلىزچە — East Turkistan Federation (ETF)
2- ماددا: دۆلىتىمىزنىڭ ئىسمى — شەرقي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى
بايرىقىمىز — ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق.
دۆلەت گېربى — 1933 ۋە 1944- يىللىرى ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتتە ئىشلىتىلگەن دۆلەت گېربى
ئىستىقلال مارشى — 1933- يىلدىكى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسلى نۇسخا
3- ماددا: تەشكىلات نامىدىن ئىلىپ بېرىلىدىغان بارلىق خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر ئىسلام دىنىمىزغا ۋە مىللىي كۈلتۈرىمىزگە ئۇيغۇن بولىدۇ.
4- ماددا: تەشكىلاتنىڭ تۈپ مەقسىتى — شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مىللىتىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەش.
5- ماددا: تەشكىلات تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىدۇ.
6- ماددا: تەشكىلات تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تىزىملاپ تەستىقلىشى بىلەن قۇرىلىدۇ.
7- ماددا: ئىدارە ھەيئىتىدە بىرلا ۋاقىتتا ھەر بىر ۋىلايەت تەۋەلىكىدىن ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم بولماسلىقى كېرەك.
8- ماددا: باش كاتىپ ۋە ئىدارە ھەيئىتىگە سايلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سىياسي ۋە تارىخي ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشى، خىتتاي مۇستەملىكچىلىرىگە بولغان دۈشمەنلىك مەيدانىنىڭ ئېنىق بولىشى ۋە ئىقتىسادىي مەنبەسى ئېنىق بولىشى كېرەك.
9- ماددا: تەشكىلاتنىڭ مەركىزى ئىستانبۇلدا بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلسا تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارماق تەشكىلاتلار تەسىس قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى باب: تەشكىلاتنىڭ غايە- نىشانلىرى
10- ماددا: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى بىرىنچى ئورۇندا قۇيۇش ۋە ئۇنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش.
11- ماددا: شەرقي تۈركىستان دىئاسپوراسىدىكى تەشكىلاتچىلىق پائالىيەتلىرىنى ھازىرقى زامانغا مۇناسىپ شەكىلدە سىستېمىلاشتۇرۇپ تەرەققى قىلدۇرۇش
ۋە مىللىتىمىزنى ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە تىخىمۇ ئاكتىپ قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن، تەشكىللىنىشنى كۈچەيتىش.
12- ماددا: مىللىتىمىزدىكى چېچىلاڭغۇلۇقنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئۆز-ئارا قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان يول ۋە تەدبىر بەلگىلەش.
13- ماددا: مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئىقتىسادى مەنبە يارىتىش ۋە ئىقتىساد توپلاش.
14- ماددا: مىللىتىمىزنى تەشكىلاتىمىزغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پىلان ۋە تەدبىرلەرنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇش.
15- ماددا: بۇ تەشكىلات ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر ھېچقانداق دۆلەت، پارتىيە، تەشكىلات، جامائەت قاتارلىق ئورگانلارغا تەۋە بولماستىن، مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزى ئالىدۇ.
16- ماددا: بۇ تەشكىلات ئېھتىياج تېپىلسا، پرىنسىپ ۋە غايە – نىشانلىرىدا ئورتاق بولغان تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئىلىپ بارىدۇ.
ئۈچىنچى باب: تەشكىلاتنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى
17- ماددا: تەشكىلاتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى تۆۋەندىكى ئورگانلاردىن تەشكىل تاپىدۇ:
1- يۇرت ۋەكىللىرى.
2- ھەرقايسى يۇرتتىن يىغىلىپ جامائەت بولغان ئەر- ئايال جامائەت ۋەكىللىرى.
3- ياشلار ۋەكىللىرى.
4- باش كاتىپ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى.
5- ئىدارە ھەيئىتى.
6- ئالى كېڭەش.
7- ئاقساقاللار ھەيئىتى.
8- ۋەكىللەر مەجلىسى.
9- تەشكىلات باياناتچىسى.
10- تەشۋىقات ھەيئىتى.
11- مالىيە بۆلىمى.
12- تەلىم – تەربىيە ھەيئىتى.
13- تىجارەت ھەيئىتى.
14- تەنتەربىيە ھەيئىتى.
15- شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى فوندى.
16- سايلام ھەيئىتى.
17- بىخەتەرلىك بۆلىمى.
18- تەپتىش ھەيئىتى.
18- ماددا: ۋەكىللەر ھەرقايسى يۇرت ئەزالىرى ۋە جامائەتلەرنىڭ سايلىشى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ. ھەر بىر ۋەكىلنىڭ سايلىغۇچىلىرى 40 تىن، 79 غىچە بولىدۇ.
19- ماددا: باش كاتىپ ۋەكىللەرنىڭ سايلىشى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ.
20- ماددا: ئىدارە ھەيئىتىنى 7- ۋە 8- ماددىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا ۋەكىللەر، ئالى كېڭەش ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئىچىدىن باش كاتىپ ئۆزى تەيىنلەيدۇ.
21- ماددا: ۋەكىللەر مەجلىسى — باش كاتىپ ۋە ياردەمچىلىرى، ئىدارە ھەيئىتى، ۋەكىللەر، ئالىي كېڭەش ۋە ئاقساقاللاردىن تەركىپ تاپىدۇ.
22- ماددا: ۋەكىللەر مەجلىسى تەشكىلاتنىڭ مەركىزى ھوقۇقلۇق ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ.
23- ماددا: باش كاتىپنىڭ ياردەمچىلىرى، ئالىي كېڭەش، ئاقساقاللار، تەشكىلات باياناتچىسى، تەشۋىقات مەسئۇلى، مالىيە بۆلىمى، تەلىم – تەربىيە مەسئۇلى، تىجارەت مەسئۇلى، تەنتەربىيە مەسئۇلى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى فوندى، سايلام ھەيئىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىدارە ھەيئىتى تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ.
24- ماددا: سايلانغانلار ئىككى يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. جەمئى ئىككى قېتىم كەينى- كەينىدىن سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەڭ ئاز بىر قېتىملىق سايلام ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە قايتا سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا ۋەكىللەرنىڭ ماقۇللىشى بىلەن سايلامنى ئالتە ئاي ئالدى-كەينىگە سۈرۈشكە بولىدۇ.
25- ماددا: ھەر بىر بۆلۈم ئۈچۈن ئۆزئىچىدىن بىردىن پۈتۈكچى بولۇشى ۋە ئېلىنغان قارارلار يېزىلىشى كېرەك.
26- ماددا: باش كاتىپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
1- تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەشكىللەش، رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە كۆزىتىش.
2- ئېلىنغان قارارلار ۋە خىزمەتلەرنىڭ، ئومۇمى يۈزلۈك ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش.
3- ۋەكىللەرنىڭ، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى، ۋەتىنىمىز توغرىسىدا قولدىن كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان خىزمەتلەرنى ئىدارە ھەيئىتى، ئالىي كېڭەش ۋە ئاقساقاللار بىلەن مۇزاكىرە قىلپ، ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش.
4- باش كاتىپ ئالاھىدە مېھمان ۋە زىيارەتچىلەرنى مەرتىۋىسىگە قارىتا ئۆزى كۈتۈۋېلىش ياكى ئىدارە ھەيئىتى، ئالى كېڭەش، ئاقساقاللار ھەيئىتى ۋە ۋەكىللەر ئىچىدىن مۇناسىپ كىشىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىش.
5- باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش.
6- تەشكىلاتقا ئالاقىدار قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ۋە يېڭىلاش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش.
7- بىر قېتىملىق چىقىم سوممىسى، 5.000 ( بەش مىڭ) تۈرك لىراسىدىن تۆۋەن چىقىملارنى تەستىقلاش.
8- داۋاملىق تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىككە باش قاتۇرۇپ تۇرۇش.
9- باشقا ھەرقانداق خىزمەتلەردىن، تەشكىلاتنىڭ خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇش.
27- ماددا: ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
1- ئىدارە ھەيئىتىنىڭ قەرەللىك يىغىنى ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئىچىلىدۇ. جىددى ئەھۋال بولغاندا، ھەر ۋاقىت باش كاتىپنىڭ يىغىنغا چاقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ.
2- ئېھتىياج بولغاندا تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىنى تۈزۈتۈش لاھىيەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ۋەكىللەر مەجلىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش .
3- تەشكىلاتنىڭ تۈرلۈك خىزمەت-ۋەزىپە، پىلان-لاھىيەلىرىنى تۈزۈپ، مەجلىسنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش.
4- تەشكىلاتتىكى ئورگانلارنى كۆپەيتىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش لاھىيەسىنى تۈزۈپ، ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش.
5- بىر قېتىملىق چىقىم سوممىسى، 5.000 ( بەش مىڭ) لىرادىن يۇقىرى 20.000 (يىگىرمە مىڭ) لىرادىن تۆۋەن چىقىملارنى تەستىقلاش.
6- خەلق-ئاممىسى ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ماتېرىيال تەييارلاپ ۋەكىللەر مەجلىسىگە يەتكۈزۈش. بۇ ھەقتە چىققان قارارلارنىڭ خۇلاسىسىنى مۇناسىۋەتلىك كىشى ياكى ئورگانلارغا مەلۇمات بېرىشكە توغرا كەلگەندە مەلۇمات بېرىش.
7- باش كاتىپقا سەمىمىيلىك بىلەن بويسۇنۇش، تەكلىپ-پىكىر، مەسلىھەت ۋە چاقىرىقلىرىغا 12 سائەتكىچە چوقۇم جاۋاپ بېرىش.
28- ماددا: ئالى كېڭەشنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
1- مىللىتىمىزدىن چىققان ھەرساھەدىكى ئىلىم ئادەملىرى، ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان پاراسەتلىك يول باشچىلار، كىشىلىك خاراكتېرى پىشىپ-يېتىلگەن ۋە مەنمەنلىكتىن قۇتۇلغان ئەخلاق ئىگىلىرى بۇ ئالى كېڭەش مەجلىسىگە تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇلار ئايدا بىر قېتىم يىغىلىپ مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە جانلىق مۇزاكىرە ئىلىپ بارىدۇ.
2- شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى «ئالىي كېڭەش» نىڭ پىكىرلىرىگە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىدۇ، تەۋسىيە-تەكلىپ ۋە تەنقىتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، مەجلىستە ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق تەستىقلانغانلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ.
3- ئالىي كېڭەش ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخسلەرگە تەرەپدار بولماستىن، بەلكى مۇستەقىل ھالدا يېڭى پىكىر ئىشلەپ چىقىرىدىغان ۋە سستېما قۇرىدىغان بىر مىخانىزم رولىنى ئوينايدۇ.
4- دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۈر كەمبەغەللىكى، تېز ئالدىنىپ كېتىش كەمچىللىكى، دىنى، مىللىتى، ۋەتىنى ۋە مىللي ئەنئەنىلىرىدىن ۋاز كېچىش پىسخىكىسى قاتارلىق كەمچىللىكلەرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، قانداق قىلغاندا مىللەتنى بۇ ئىللەتلەردىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا چارە-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پىلان تۈزىدۇ.
5- مىللەتنى ئىچىمىزدىن چىققان بىلىملىك يول باشچىلارنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان ھالەتتە تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن، باسقۇچلۇق پىلان تۈزىدۇ.
6- دىئاسپورادىكى مىللىتىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەھەللىسى» قۇرۇشقا جىددى پىلان تۈزىدۇ ۋە ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.
7- چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاز بولغاندا 10 يىللىق كەلگۈسىنى پەرەز قىلالايدىغان بولىشى ۋە ئۆزلىرىگە مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ ھاياتىدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن، ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مىللەتنى تەربىيىلەيدۇ.
8- ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن، نېمە قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا يېڭى پىلان-لاھىيەلەرنى ۋە ئۇنىڭ باسقۇچلىرىنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
9- مىللىتىمىزگە ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزگە زىيانلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مىللەت ئالدىدا تەنقىت قىلىدۇ. (بۇئەھۋالدا تەشكىلات ئەزالىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالى كېڭەش ھەيئەتلىرىگە ئىگە بولىشى ۋە ئۇلارنى قوغدىشى كېرەك).
10- ئالىي كېڭەش ھەيئىتىنىڭ خىزمىتى، ھەر ئىككى يىلدا بىرقېتىم ئىدارە ھەيئىتى ۋە تەپتىش ھەيئىتى تەرىپىدىن باھالىنىپ، ھەيئەتتىكى ئورنىنى ساقلاپ قىلىش-قالماسلىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.
29- ماددا: ئاقساقاللار ھەيئىتىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
1- ئاقساقاللار ھەيئىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولمىسىمۇ، تەشكىلاتنى قۇرۇش باسقۇچىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ۋە ھازىرغىچە مەجلىستە بىرگە ئولتۇرۇپ تەشكىلاتنىڭ پىلان، پروگراممىلىرىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن كىشىلىرى بولغانلىقىدىن، ھەرقاچان تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ئاساسچىلىرىدۇر.
2- ئېھتىياج بولغاندا بىر قىسىم ئالاھىدىلىكى بولغان شەخسلەر، ئىدارە ھەيئىتىنىڭ قارارى بىلەن ئاقساقاللار ئارىسىغا قېتىلىدۇ.
3- ئاقساقاللار تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق كۈچ مەنبەسى ھېسابلىنىپ، ھەرقانداق خەتەردىن تەشكىلاتنى ۋە ئۇنىڭ نىزامنامىسىنى ئالاھىدە قوغدىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
4- ئاقساقاللار ھەيئىتىنىڭ خىزمىتى ھەر ئىككى يىلدا بىرقېتىم، ئىدارە ھەيئىتى ۋە تەپتىش ھەيئىتى تەرىپىدىن باھالىنىپ، ھەيئەتتىكى ئورنىنى ساقلاپ قىلىش-قالماسلىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، بېكىتىلىدۇ.
30- ماددا: ۋەكىللەر مەجلىسىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
1- باش كاتىپ ۋە تەپتىش ھەيئىتىنى سايلاش، ئەگەر نىزامنامىغا خىلاپلىق قىلغان تەقدىردە، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش.
2- كۈنىگە سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى بويىچە ئىشلەيدىغانلارنىڭ مائاش، سۇغۇرتا قاتارلىق تەمىناتلىرىنى بېكىتىش.
3- تەشكىلاتقا يېڭىدىن ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش.
4- ئىدارە ھەيئىتىنىڭ پىلان-لاھىيەلىرىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاش ياكى رەت قىلىش، تەشكىلاتنىڭ يىللىق مالىيە خامچوت لاھىيەسىنى كۆرۈپ چىقىپ تەستىقلاش ياكى رەت قىلىش.
5- بىر قېتىملىق چىقىم سوممىسى 20.000 (يىگىرمە مىڭ) لىرادىن ئاشىدىغان چىقىملارنى تەستىقلاش ياكى رەت قىلىش.
6- تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىغا ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم قاراپ چىقىپ، تۈزىتىشكە تىگىشلىك بولسا، مەجلىسنىڭ %70 ئاۋاز بېرىشى بىلەن تۈزىتىپ چىقىش.
7- ۋەكىللەر، ئىدارە ھەيئىتى، ئالى كېڭەش ۋە ئاقساقاللار قاتارلىق مەجلىس ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئايلىق بەدەل پۇلىنى بېكىتىش.
8- يۇقىرىدا ئىسىملىرى يېزىلغان تەشكىلى ئورگانلارنىڭ بىرىنى ياكى بىر قىسمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ياكى يېڭى ئورگان قۇرۇشنى قارار قىلىش.
9- تەشكىلات ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش.
10- ۋەكىللەرنىڭ خىزمىتى ۋەكىللەر مەجلىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ۋەكىللەر مەجلىسىنىڭ يىغىلىشى قەرەللىك مەجلىس ۋە قەرەلسىز مەجلىس دەپ ئىككى خىل يىغىلىشقا ئايرىلىدۇ. ھەر ئىككى خىل مەجلىسنى باش كاتىپ ئۆزى ئاچىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. باش كاتىپ ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى يۈرگۈزەلمىگەندە، باش كاتىپنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىدىن بىرسى ياكى ئىدارە ھەيئەت ئەزاسىدىن بىر كىشى يىغىن چاقىرىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
11- ۋەكىللەرنىڭ قەرەللىك مەجلىسى ھەر ئايدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ. ۋەكىللەر مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىشقا تىگىشلىك جىددى ئەھۋال تېپىلغاندا، ئىدارە ھەيئىتىنىڭ %50 تىن ئارتۇق ئاۋاز بېرىشى بىلەن قەرەلسىز مەجلىس چاقىرىشقا بولىدۇ.
12- ۋەكىللەر مەجلىسى چاقىرىلغاندا، ئالاھىدە سەۋەبلەر بىلەن قاتنىشالمايدىغان ۋەكىللەر باش كاتىپتىن ياكى ئۇنىڭ شۇ خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ياردەمچىسىدىن رۇخسەت سورايدۇ ۋە يىغىن مەزمۇنىنى باشقا ۋەكىللەرگە ھاۋالە قىلىدۇ. (رۇخسەت سوراش ۋە ھاۋالە قىلىش ئىلىكتۇرۇنلۇق ھاۋالە خېتى ئارقىلىق بولىدۇ).
13- مەجلىس ئەزالىرى مەجلىسدە مۇزاكىرە قېلىنغان بارلىق ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقىرىشى كېرەك. قارار %50 تىن كۆپ ۋەكىللەرنىڭ قوشۇلىشىدىن ئۆتسە، ماقۇللانغان ھېسابلىنىدۇ.
14- مەجلىسكە قاتنىشىش سالاھىيىتى بولغان ھەر بىر كىشىنىڭ (ئالىي كېڭەشنىڭ پەقەت سايلاش ھوقۇقى بولىدۇ) سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ.
15- تەشكىلاتنى تارقىتىۋېتىش زۆرۈر بولغاندا، قالغان مال- مۈلكىنى ياكى قەرزلەرنى ئېنىقلاش، بىر تەرەپ قىلىش، قانۇني رەسمىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ۋە جاۋابكار بولۇش قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرىش ئۈچۈن ھەيئەت تەيىنلەيدۇ ۋە نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ.
31- ماددا: تەشكىلات باياناتچىسىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
1- تەشكىلات باياناتچىسى بولىدىغان كىشىنىڭ مىجەزى ئېغىر-بېسىق، كۆرۈنىشى سالاپەتلىك، ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتتە ئەڭ ئاز بولغاندا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن، سۆز قابىلىيىتى ياخشى، خەلقئارا قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى چۈشىنىدىغان كىشى بولىشى كېرەك.
2- ئىدارە ھەيئىتى ۋە ۋەكىللەر مەجلىسى تەرىپىدىن مىللىتىمىزگە ۋە خەلقئاراغا يەتكۈزۈلۈشى قارار قېلىنغان مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىدۇ.
3- ئاخبارات ۋاستىلىرى تەشكىلات توغرىسىدا مەلۇمات تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، ئىدارە ھەيئىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىدۇ ۋە سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىدۇ.
4- ھەرخىل شەكىلدىكى نامايىش ۋە يىغىلىشلاردا بايانات بېرىشكە توغرا كەلسە، باش كاتىپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بايانات بېرىدۇ.
32- ماددا: تەشۋىقات ھەيئىتىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
1- تەشۋىقاتنىڭ تۈپ نىشانى — مەڭگۈلۈك دۈشمىنىمىز بولغان خىتتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ يالغان سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىش، ۋەتىنىمىز ۋە مىللىتىمىز توغرىسىدا دۇنيانى توغرا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش.
2- تەشۋىقات خىزمىتىدە تەشكىلات مەنپەئەتى ۋە تەرەققىياتىنى ھەر قانداق ئىشتىن ۋە شەخسلەردىن يوقىرى ئورۇندا قويۇش.
3- تەشۋىقاتنى داۋاملىق يېڭىلاپ جانلاندۇرۇپ تۇرۇش ۋە تەشۋىقاتنى ئەڭ يوقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشكە تېرىشىش.
4- تەشۋىقاتتا يالغانچىلىق ۋە مۇبالىغە ئىشلىرىدىن ساقلىنىش.
5- تەشۋىقات قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ خىراجىتىنى، تەشۋىقات ئۈسكۈنىلىرىنىڭ چىقىملىرىنى تەشكىلات ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى ھەر ۋاقىت قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ.
33- ماددا: مالىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى:
1- مالىيە بۆلىمى ھەر قانداق كىرىمنى مالىيە ئۆلچىمى بويىچە ۋاقتى سائىتى بىلەن خاتىرلەپ ماڭىدۇ.
2- ماددىي ياردەم قىلغان كىشىلەر ۋە ئورگانلارغا ياردەمنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق تالونى چىقىرىپ بېرىدۇ.
3- چىقىم ئىشلىرىدا 100 (يۈزلىرا) دىن يوقىرى بولغان ھەر قانداق چىقىم ئۈچۈن، چىقىم تالونى ئالىدۇ، 100(يۈزلىرا) دىن تۆۋەن چىقىم ئۈچۈن، تالۇن بولمىغان تەقدىردە، مالىيە بۆلىمى مەسئۇلى ئىمزا قويۇپ بېرىدۇ، بوغالتىر ھەر ئايلىق كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ۋە تالونىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.
4- كىرىمنى باشقىلاردىن تاپشۇرۇپ ئالىدىغان، چىقىم قىلىدىغان ۋە بوغالتىرلىق قىلىدىغان كىشىلەر ئايرىم-ئايرىم ئۈچ بۆلۈمدىن (ۋاقتىنچە ئۈچ كىشىدىن) تەشكىللىنىدۇ، ئارىلىرىدىكى مۇئامىلىدە ھەر ۋاقىت ھۆججەت ئىشلىتىدۇ.
5- بوغالتىر ھەر ئايلىق كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى يازما شەكىللىك قىلىپ مەجلىس ئەھلىگە مەلۇمات بېرىدۇ ۋە يىل توشقاندا، يىللىق كىرىم-چىقىمنى خۇلاسىلاپ، يىللىق مەلۇمات بېرىدۇ.
6- مالىيە خىزمىتىدىكىلەر تەشكىلاتنىڭ بىر يىللىق چىقىم لاھىيەسىنى ئالدىن تەييارلاپ، يىللىق مالىيە دوكلاتىدا مەجلىسكە سۇنىدۇ.
34- ماددا: تەلىم-تەربىيە ھەيئىتىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
1- تەلىم-تەربىيە ھەيئىتى ئۆزساھەسىدە بىلىم ۋە تەجرىبە ئىگىسى بولغان، ئىنسان يېتىشتۈرۈش كەسپىدە كۆرىنەرلىك نەتىجە ياراتقان كىشىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ.
2- تەلىم-تەربىيە ھەيئىتى ئومۇمى پىلان-پروگرامما تەرەپلەردە تەشكىلاتنىڭ يېتەكچىلىكنى قوبۇل قىلىدۇ.
3- تەشكىلات قۇدرىتنىڭ يېتىشىچە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا ماددى ۋە مەنىۋى ياردەمدە بولىدۇ.
4- تەلىم-تەربىيە توغرىسىدىكى تەپسىلى نىزامنامە ھەيئەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قېتىلىشى بىلەن ئەمىلى ئەھۋالغا قارىتا تەپسىلى يېزىپ چىقىلىدۇ.
35- ماددا: تىجارەت ھەيئىتىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
1- تىجارەت ھەيئىتى ئۇزۇن يىللىق تىجارەت تەجرىبىسىگە ئىگە، مىللەت ئىچىدە ئىشەنچىلىك تىجارەتچى دەپ تونۇلغان، ئۆزساھەسىدە غەلىبە قىلغان ئۆتكۈر، ئەقىللىق كىشىلەردىن تەشكىللىنىدۇ.
2- تىجارەت ھەيئىتى ئومۇمى پىلان-پروگرامما تەرەپلىرىدە تەشكىلاتنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.
3- ھەيئەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قېتىلىشى بىلەن، تىجارەت توغرىسىدا ئەمىلىي ئەھۋالغا قارىتا تەپسىلىي نىزامنامە يېزىپ چىقىلىدۇ.
4- تەشكىلات تىجارەت ئىشلىرىنى ھەرۋاقىت قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ.
36- ماددا: تەنتەربىيە ھەيئىتىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
1- تەنتەربىيە توغرىسىدا بىلىم ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولغان، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا قىزىقىدىغان كىشىلەردىن ھەيئەت تەيىنلىنىدۇ.
2- ھەيئەتلەر تەنتەربىيەنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل تەنتەربىيە ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ.
3- تەنتەربىيە توغرىسىدا ھەيئەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قېتىلىشى بىلەن، ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا تەپسىلىي نىزامنامە يېزىپ چىقىلىدۇ.
37- ماددا: شەرقىى تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيە فوندىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
شەرقىى تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيە فوندى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەيئەتلەرنىڭ تەيىنلىنىشى، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، فوندىنىڭ تەپسىلاتى، نىزامنامىسى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارتوغرىسىدا شۇساھەدە كەسىپ ئەھلى بولغان كىشىلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىپ، فوندى نىزامنامىسى تەپسىلى يېزىپ چىقىلىدۇ.
38- ماددا: سايلام ھەيئىتىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
1- سايلام ھەيئىتى شەرقىى تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ سايلام ئىشلىرىنى تەرتىپلەيدۇ ۋە سايلامنىڭ ئادىل بولىشىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
2- سايلام ھەيئىتى يۇرت ۋەكىللىرى، ھەرقايسى يۇرتتىن يىغىلىپ جامائەت بولغان ئەر-ئايال جامائەت ۋەكىللىرى، ياشلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ۋەكىل چىقىرىش سايلاملىرىغا قاتنىشىدۇ. ۋە سايلام جەريانىدا ئۇلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
39- ماددا: بىخەتەرلىك بۆلۈمىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
1- بىخەتەرلىك بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلىنى ئىدارە ھەيئىتىدىكىلەر بىلىدۇ، قالغان خادىملارنى باش كاتىپتىن باشقا كىشىلەر بىلمەيدۇ ۋە ھەرۋاقىت مەخپى قالىدۇ.
2- بۇ بۆلۈم پەقەت باش كاتىپقا باغلىق بولىدۇ.
40- ماددا: تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى:
1- باش كاتىپ ۋە بارلىق بۆلۈملەرنىڭ نىزامنامىغا ۋە تەشكىلاتنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپلىق قىلمىشلىرى بار-يوقلىقىنى تەپتىش قىلىش.
2- باش كاتىپ ۋە بارلىق بۆلۈملەرنىڭ ھەركىتى نىزامنامىغا ۋە تەشكىلاتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ قالسا، ئۇلاردىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىش، ئەگەر تۈزەتمىسە بىر ھەپتە ئىچىدە مەجلىس چاقىرىش ۋە مەسىلىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، نەتىجىسى بىر تەرەپ بولغىچە توختاپ قالماسلىق.
3- خالىغان ۋاقىتتا تەشكىلاتنىڭ مالىيەسىنى تەكشۈرۈش، خاتالىق كۆرۈلسە تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىش، سەمىمىيلىك بىلەن تەپتىشنى قۇبۇل قىلمىسا، مەجلىسىگە يازما شەكىللىك مەلۇمات بېرىش ۋە مەسىلە ھەل بولغىچە كۈزىتىش.
4- چىقىملارنى تەكشۈرۈپ خاتالىق، ئىسراپچىلىق بار-يوقلىقىنى تەپتىش قىلىش.
5- يۇقىرىقى بۆلۈم ۋە شەخسلەردىن قايسى بىرى تەپتىشنى قوبۇل قىلمىسا، تاكى مەسىلە ھەل بولغىچە ئىشنىڭ كەينىگە چۈشۈش ۋە ھەرخىل ھېكمەتلىك ئۇسلۇبلار بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش.
6- بىر قىسىم كىشىلەردە تەكرارلانغان خاتالىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جازا تەكلىپى، جازا شەكلى ۋە جازا مىقدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نىزامنامە تۈزۈپ، مەجلىسكە سۇنۇش.
تۆتىنچى باپ: ئەزالىق تۈزۈمى
41- ماددا: تەشكىلاتقا ئەزا بولماقچى بولغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يۇرتى ياكى جامائەت ۋەكىلىگە ئەزا بولسا، شەرقىى تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
42- ماددا: ئادەم سانى ئاز بولغان ناھىيەلەر، ۋىلايىتى تەۋەلىكىدىكى ناھىيە
گۇرۇپپىسىدىن بىرىگە ئەزا بولسا ياكى ئۆزى تەۋە بولغان جامائەتلىرى ئىچىدىن ۋەكىل چىقىرىش ئارقىلىق ئەزا بولسا بولىدۇ.
43- ماددا: ۋەكىللەر يۇرتى ياكى جامائىتى تەرىپىدىن سايلىنىپ، مەجلىسكە قېتىلىش سالاھىيىتى بولغاندىن كېيىن، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ.
44- ماددا: مەجلىسكە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغاندىن كىيىن نىزامنامىغا خىلاپلىق قىلغان، باشقۇرۇشقا بويسۇنمىغان ۋە بىرىلگەن ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا ئورۇندىمىغان كىشىلەر، مەجلىسنىڭ قارارى بىلەن مەجبۇرى چېكىندۈرىلىدۇ.
45- ماددا: ئىككى يىل توشۇشتىن بۇرۇن ئۆز ئىرادىسى بىلەن چېكىنمەكچى بولغان ۋەكىل، چېكىنىش ئىلتىماسىنى بىر ئاي بۇرۇن يازما شەكىلدە ئىدارە ھەيئىتىگە تاپشۇرىدۇ ۋە يۇرتىدىكى جامائەتلەر ئۇنىڭ ئورنىغا بىر ۋەكىلنى ئەكىلىپ، مەجلىسكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

23.08.2020 ئىستانبۇل

Leave a Reply

Discover more from شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading