12- نويابىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، 16-نويابىر يەكشەنبە كۈنى ئاناھتار پارتىيەسىنىڭ باشاقشەھەر مەركىزى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان كونفېرانسى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى پروگراممىسى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پروگراممىغا ئۇيغۇرلارغا ۋەكالەتەن تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەقپى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان، تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيىسى رەئىسى ئىمىرھەسەن ئابلىز ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى مۇتىۋەللىلەر ھەيئىتى رەئىسى، سابىق رېكتور پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندىملەر قاتناشتى ۋە موھىم سۆز قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاناھتار پارتىيەسى كەسپى سالاھىيەت ئورگىنى ئەزاسى، تۈرك دۇنياسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باش مۇئاۋىنى رەئىسى ئەرگۈن يىلدىز، ئىستانبۇل ۋىلايەت رەئىسى جاھىت ۋۇرال، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مۇناسىۋەتلىرى مۇئاۋىن رەئىسى ھەسەن بىلىجى ۋە ئىستانبۇل ۋىلايەت مۇئاۋىن رەئىسى، تۈرك دۇنياسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، سىياسەت رەئىسى سويكان دۇرداغى قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.
پروگرامما تۈركىيە، شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى ۋەتەن ئۈچۈن شېھىت بولغانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئىستىقلال مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن باشلاندى. ئېچىلىش سۆزىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەقپى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سۇنۇمىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ سۇنۇمدا، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە بەردى ۋە ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە، قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسى سۈپىتىدە قاراشنىڭ تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاناختار پارتىيىسى كەسپى سالاھىيەت ئورگىنى ئەزاسى، تۈرك دۇنياسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باش مۇئاۋىنى رەئىسى ئەرگۈن يىلدىز، شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى مۇتىۋەللىلەر ھەيئىتى رەئىسى، سابىق رېكتور پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندىملەر «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى» ھەققىدە سۆز قىلدى. پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئاۋشار سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىشارەت قىلىپ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلدى.
پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سىزغان شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە پائالىيەتكە قاتناشقانلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.

