يېڭىلىقلار خەۋەرلەر

ئىستانبۇلدا ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

12- نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، ئۆلىمالار بىرلىكى… قاتارلىق 19 تەشكىلات، ۋاقىف، جەمئىيەت ۋە ئورۇنلارنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزىدە 1933- يىلى 12- نويابىر قەشقەردە، 1944- يىلى 12- نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق خاتىرلەش پائالىيىتى 2025- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 6 دە قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى بىلەن تۈركىيە ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئارقىدىن نۆۋەت بىلەن ھەر قايسى تەشكىلات، ۋاقىت ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قىسقا شەكىلدە ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى قىلىپ ئۆتتى.

سۆز قىلغانلار ئىچىدە، تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى ئىمىر ھەسەن ئەپەندىممۇ سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە خادىملىرى، ھەر قايسى جەمئىيەت، ۋاقىپ، تەشكىلاتلار ۋە بارچە قېرىنداشلارغا قىزغىن سالام يوللىدى ۋە تۆۋەندىدىكىدەك يۈرەك سۆزىنى ئىپادىلىدى:

بۈگۈن، بۇنىڭدىن 92 يىل بۇرۇن قەشقەردە، 81 يىل بۇرۇن غۇلجىدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ  قۇرۇلۇش كۈنى. بۇ كۈن ئۈچۈن سانسىزلىغان مۇجاھىت قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قانلىرى شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىغا سىڭگەن، ئۇلارنىڭ بۇ پىداكارلىقلىرى ھەر ۋاقىت بىزگە بىر ئەسلەتمە بولۇپ، بىزنى جاسارەتكە، بەدەلگە، ئۆزئارا ھەمكارلىققا ۋە قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببەتكە چاقىرىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە.

بىز بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇشتا كۆپ كېچىككەن بولساقمۇ، ئاخىرقى ھېساپتا، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەتلىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىقىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى يولىدا زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىش ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، ئۇتۇقلۇق ھالدا خىزمەتلىرىمىزنى داۋام قىلىپ كىتىۋاتىمىز. ئەمما بۇ ھەمكارلىق ۋە خىزمەتلەر بىزنىڭ بۆيۈك غايىمىز بولغان ۋەتەن ئازاتلىقى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ يېتەرلىك ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن پۇتكۈل مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەرقانداق شەخسى زىددىيەت، تالاش-تارتىش ۋە پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنى بىر چەتكە چۆرۈپ تاشلاپ، دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، «مېنىڭ بىرلا ۋەتىنىم بار، ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستان. مېنىڭ قەدىر قىممىتىم ئۇنىڭ مۇستەقىللىقىگە باغلىق» دېگەن جۈملىنى قەلبىمىزنىڭ تۆرىگە يېزىپ، ئۈچىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.

ئىمىر ھەسەن ئەپەندىم سۆزىدە يەنە، ئۈچىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ چوقۇم قۇرۇلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچى ۋە ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختىلىپ، شۇنداق دېدى:

بىزنىڭ قۇرماقچى بولغان بۇ دۆلىتىمىز خەلقئارا سىياسىي تەڭپۇڭلىقنى ساقلاشتا ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئېگە بولۇپلا قالماستىن، خەلقئارانىڭ تېنچلىقى ئۈچۈنمۇ بولمىسا بولمايدىغان بىر دۆلەت ۋە بىر رايونلۇق كۈچ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ دۆلىتىمىز _ بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن پاراۋان، باراۋەر، ھۆر ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى ئاساس قىلغان گۈزەل بىر جەمئىيەت بەرپا قىلالايدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، بۇ دۆلىتىمىز بۈگۈنكى مەۋجۇت دۇنيا تەرتىپىگە خىرىس ئېلىپ كىلىۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇق، ئادالەت، باراۋەرلىك، موھىت ۋە ئېگىلىك ھوقۇققا تەھدىت سېلىپ، ئېغىر بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتىگە قارشى مۇستەھكەم سېپىل ۋە قالقان بولالايدۇ. مەن بۇنىڭغا مۇتلەق ئىشىنىمەن ۋە خەلقىمنىڭمۇ ئىشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

پائالىيەتتە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ئالىمجان بۇغدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى موئاۋىن رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقپى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەپەندىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇستازلار ۋە زىيالىلار بىرلىكتە، ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئەھمىيىتى، بېسىپ ئۆتكەن يوللىرى، قانلىق كۆرەشلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى جۇمھۇرىيەتكە بېغىشلانغان نۇمۇرلارغىمۇ ئورۇن بىرىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت 500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدى ۋە پائالىيەت ئاخىرىدا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر پولوسى بىلەن مېھمان قىلىنىپ، سائەت توققۇز دا پائالىيەت ئاخىرلاشتى.  

Leave a Reply

Discover more from شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading