يېڭىلىقلار

ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ياپۇنىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى

ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئېرى (ئارفىيە ئابلەت) 2025- يىلى 21- ئۆكتەبىر كۈنى ياپۇنىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى.

ئارفىيە 1988- 10- ئاينىڭ 16- كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ۋاشىنگىتون د.ج دىكى دىپلوماتىيە (تاشقى ئىشلار) ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ياپۇنچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە، خىتايچە، تۈركچە ۋە ئەرەپچە تىللىرىنى پىششىق بىلىدۇ. ئارفىيە دەسلەپ ياپۇنىيە بانكىسىدا خىزمەت قىلغان، كىيىن ياپۇنىيەنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى بولۇپ ئىشلىگەن.  2023- يىلى 23- ئاپىرىل ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ۋە شۇ يىلى خەلئارادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرنال «دەۋىر ژۇرنىلى» تەرىپدىن «كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 100 شەخىس» بولۇپ باھالانغان. 2024- يىلى 27- ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىقىغا قايتا سايلىنىش بىلەن بىرگە 13 نۇيابىر ياپۇنىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 2025- يىلى 21- ئۆكتەبىر ياپۇنىيە باش ۋەزىرلىك سايلىمىدا لېبرال دېموكراتلار پارتىيەسى (ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى) دىن بولغان تاكاچىئى سانائې خانىم ياپۇنىيە تارىخىدىكى تۈنجى ئايال باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغاندىن كىيىن، ئارفىيە يەنە ئوخشاشلا ياپۇنىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىزمىتىگە قويۇلغان.

بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر قىزى ئارفىيەنىڭ بۇ ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپلىرىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ۋە ئۇنى بۇ جەھەتتە قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز.

Leave a Reply

Discover more from شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading