يېڭىلىقلار

ھېيت تەبرىكى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار!

روھىي پاكلىق ۋە مېھرىبانلىقنىڭ سىمۋولى بولغان روزا ھېيت بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى نامىدىن بارچە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى چىن دىلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز!

بۇ مۇبارەك كۈنلەرنىڭ يۇرتىمىزنىڭ ئازادلىقىغا، خەلقىمىزنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، ئۆز ۋەتىنىدە ئەركىن-ئازاد ھېيتلىشىشىغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەيمىز. گەرچە بۈگۈن ۋەتىنىمىزدىن يىراقتا، سېغىنىش ئىچىدە بولساقمۇ، مىللىي ۋە دىنىي قېرىنداشلىق رىشتىمىز بىزنى بىر يەرگە باغلاپ تۇرىدۇ.

ئاللاھ تائالا تۇتقان روزىمىزنى، قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنى ۋە ھۆررىيەت يولىدىكى دۇئالىرىمىزنى قوبۇل قىلغاي.

ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ھۆرمەت بىلەن:

شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى

Leave a Reply

Discover more from شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading