2026- يىلى 25- يانۋار كۈنى شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ سەفاكۆيدىكى مەركىزىدە تىجارەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يىللىق پايدا تارقىتىش پائاليىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مېھمانلار مول داستىخان بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

پائالىيەتتە تىجارەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى قۇربان ھاجىم سۆز قىلىپ، 2020- يىلى 55 ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان رىزىنكە زاۋۇتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە دوكىلات بەرگەندىن كىيىن، مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىپ ئۆتتى. ئارقىدىن ھەر بىر پاي ئېگىسىگە 3500 لىرادىن نەق پايدا پۇل تارقىتىلىپ، بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېساباتلارنى نەق مەيداندا ئېلىپ باردى. ئاندىن پائالىيەتكە قاتناشقان قېرىنداشلار زاۋۇتنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتى ۋە تىجارەتلەر ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل پىلان ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ تىجارەتچىلەر گۇرۇپپىسى 2020- يىلى 55 ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ بىرلىككە كىلىشى ۋە ئورتاق مەبلەغ سېلىشى بىلەن بىر رېزىنكە زاۋۇتى قۇرغان بولۇپ، ھەر يىلى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتقان ئىدى. بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، يىللىق دارامەت تارقىتىش ئېلىپ باردى. شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ باش بولۇپ تەشكىللىشى بىلەن قۇرۇلغان رېزىنكە زاۋۇتى قۇربان ھاجىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە ھازىرغىچە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان بولۇپ، ھەر يىلى مەبلەغ سالغۇچىلارنى مەلۇم مىقداردا پايدا يەتكۈزۈپ كىلىش بىلەن بىرگە، كۆپلىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.
ئاخىرىدا ئۇستازلارنىڭ باشلاپ بىرىشى بىلەن ئوپچە دۇئا قىلىنىپ، پائالىيەت غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.


