يېڭىلىقلار

تەبرىكنامە

تەرەپسىز تاراتقۇلار جەمىئيەتتە مۇھىم ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆتەيدۇ. بۇ نوقتىدىن، ئۇيغۇر پوچتىسنىڭ قۇرۇلۇشى-ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

خىتاي ۋەتەندە ئەركىن ئاخباراتنى چەكلىگەن، دۇنيادا ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاۋازى بوغۇلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كەسپچان ۋە ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ بىر ئارىغا يىغىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بىزنى سۆيۈندۇردى.

ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر پوچتسنىڭ، ئۇيغۇرلار ئۇچۇن سۆزلەيدىغان ۋە كۆپ خىل ئاۋازغا ئورۇن بىرىدىغان، ھەم شۇنداقلا، خەلقىمىزنى جىددىي ۋە مۇھىم مەسللەردە تەربىيەلەپ تۇرىدىغان ئاخبارات ۋاستىسى بولۇشى بىزنىڭ ئۇمىدىمىزدۇر.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. شۇنداقلا، ئالاقىدار مەسلىلەردە ھەمكارلىشىش ۋە ھەر جەھەتتىن ئىمكانىيىتىمىز يار بەرگەن دائىرىدە قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز.

شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى

2025-يىلى 30-نويابىر

Leave a Reply

Discover more from شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading