2025- يىلى 06- ئاينىڭ 25- كۈنى تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندىمنىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى ئىمىرھەسەن ھاجىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھېمىت قاراخان، ئەنقەرە ئۇنىۋېرىستىتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور ئەركىن ئەمەت، ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرىسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت نامەتجان مەمەت ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى رەئىسى ئەكرەمجان ئۇيغۇرخان قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى نامىدىن ئەنقەرەدە بىر قاتار زىيارەت ۋە كۆرۈشۈشلەردە بولدى.
بۇ قېتىمقى زىيارەت ۋە ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قوللاپ كېلىۋاتقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى ھۆرمەتلىك مۇستاپا دەستىجى ئەپەندىم، يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى رەئىسى دوكتور فاتىھ ئەرباقان ئەپەندىم، سائادەت پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى مۇستاپا كايا ئەپەندىم ۋە كېلەچەك پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى دوتسېنت سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندىم ۋە يەنە بىر قىسىم موھىم دۆلەت ئەرباپلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈشلەر ئېلىپ بېرىلدى.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستاپا دەستىجى ئەپەندى ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۆركىيەدە ۋە ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ تىز ۋاقىت ئىچىدە مۇستەقىل بىر تۈرك دۆلىتى بولىشغا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى نامىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى رەئىسى ھۆرمەتلىك دوكتور فاتىھ ئەرباقان ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى ۋە يېقىن كەلگۈسىدىكى ئۆز ئارا ھەمكارلىقلار ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى. پارتىيە رەئىسى دوكتور فاتىھ ئەرباقان ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۆركىيەدە ۋە ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلىمىنىڭ تىزرەك ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سائادەت پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى مۇستاپا كايا ئەپەندىم ۋە كېلەچەك پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى دوتسېنت سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندىملەرمۇ ھەيئەتنى قىزغىن كۈتىۋېلىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ ھەرۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق كۆرەشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۆركىيەدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كەلگەن قېيىنچىلىقلىرىدىن تۈركىيە پۇخرالىقى، ئۇزۇن مەزگىللىك تۇرۇشلۇق رۇخسىتى، ئىشلەش رۇخسىتى ۋە دېپلۇما تونۇتۇش قاتارلىق تۈرلۈك قېيىنچىلىقلىرىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى نامىدىن تەلەپ خېتى سۇنۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ۋە قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك دوكلات ۋە كىتابلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىمىزنىڭ خەرىتىسنى تەقدىم قىلدى.

