يېڭىلىقلار

تاھا قىلىچ ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى نامىدىن كۈتىۋېلىندى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، ئاتۇش، يەكەن، خوتەن، غۇلجا، ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق قەدىم يۇرتلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كىيىن، بۇ يەردە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ھىس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك رېئاللىقلارنى قەلەمگە ئېلىپ، «غايىپ بولغان تۇپراقنىڭ ئىزىدىن: شەرقىي تۈركىستان ساياھەتنامىسى» ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتۇرى تاھا قىلىچ ئەپەندىم 2025- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى  ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدىكى «قورغان» ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا كۈتىۋېلىندى.

كۈتىۋېلىش پائالىيتىگە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرىگە ئەزا تەشكىلاتلاردىن شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەخپى، قېرىنداش تەشىكىلاتلاردىن ئەيسايۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تەكلىماكان كىتابخانىسى قاتارلىق تەشكىلات، جەمئىيەت ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىسلەر ۋە ئاكادېمىكلەر قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتتە، ھەممە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىردەك شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدىن تاھا قىلىچ ئەپەندىمگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. پائالىيەت ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى ئىمىرھەسەن ھاجىم ۋە باش مەسلىھەتچى ئابدۇللا ئوغۇز تاھا قىلىچ ئەپەندىمگە شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن لەۋھە تەقدىم قىلدى.

Leave a Reply

Discover more from شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading