خەۋەرلەر

ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى 30 دىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

2025- يىلى 26- ئۆكتەبىر سائەت 14:00 تە ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ساراچخانا باغچىسىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ نامايىش تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى ۋە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، شۇنداقلا پىكىردە بىرلىك ۋە كۆرەش مۇنبىرى، يەسەۋى ئالپەرەنلەر جەمئىيتى… قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق تەشكىلات، جەمئىيەت، ۋاقىپ قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىش جەريانىدا سۆز قىلغانلار ئىچىدە تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىگە ۋەكالەتەن مەخمۇت داموللام سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركسىتاندا بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىسلام ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىشكەنجە ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ۋە تۈرك خەلقىنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا چاقىردى.

تۈركىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن دەۋەتچى ۋە دىنى ئۇستاز ئىھسان شەنئوچاقمۇ بۇ نامايىشقا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، موھىم سۆز قىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە: «بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن مۇسۇلمانلار غەززەدىكى مۇسۇلمانلارنى كۆرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىزنىڭ ھەم دىنىي قېرىنداشلىرىمىز، ھەم قان قېرىنداشلىرىمىز بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىز بۇلارنى ئۇنتۇپ قالساق، بۇلارنىڭ يېنىدا تۇرمىساق قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەرگىزمۇ ھېساپ بىرىپ بولالمايمىز». دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى. ئۇستاز ئىھسان شەنئوچاق سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «<پەلەستىن>، <غەززە> دىيىلگەندە يۈرەكلىرى پۇچۇلانغان، قەلەملىرى توختىماي يازغان، مېكرافون ئالدىدا جان جەھلى بىلەن ۋارقىرىغان ئۇ مۇسۇلمانلار، يازغۇچى-مۇخبىرلار ۋە سىياسەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى بۈگۈن سىلەر نەدە؟!» دەپ خىتاپ قىلىپ، ئىنسانىي تۇيغۇسى ئۆلمىگەن ھەر قانداق كىشىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا چاقىردى.

بۇ قېتىمقى نامايىش سائەت تۆتلەر بىلەن ئاخىرلاشتى.

Leave a Reply

Discover more from شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading