يېڭىلىقلار

ئىستانبۇلدا كەڭ كۆلەملىك ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2026- يىلى 21- مارت ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرلىك ۋە ھەمكارلىقىنى نامايەن قىلىدىغان روزا ھېيتلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەت شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى … قاتارلىق 14 تەشكىلات، بىرلىك ۋە ۋەخپىلەرنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ قېتىملىق ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى «ۋەنۇس مەرىكە زالى» دا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 13:30 ئەتراپىدا قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن رەسمىي باشلاندى. پائالىيەت جەريانىدا ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى نۆۋەت بىلەن سۆزگە چىقىپ، خەلقىمىزنىڭ ھېيتىنى قۇتلۇقلىدى. شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسگە ۋەكالەتەن مەخمۇت داموللام بىلەن ئابدۇغوپۇر داموللام سۆز قىلىپ، بۈگۈنكىدەك قىيىن كۈنلەردە مىللىي كىملىك ۋە دىنىي قېرىنداشلىق رىشتىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇلار سۆزىدە فېدېراتسىيەنىڭ خەلقىمىزنى بىر يەرگە جەم قىلىش ۋە دەۋايىمىزنى كۈچلەندۈرۈش يولىدىكى ئەھمىيىتىنى تىلغا ئالدى.

بۇ پائالىيەتتە مېھمانلارغا بىر نەچچە خىل تائام ۋە تۈرلۈك مېۋە-چېۋىلەر بىلەن مول داستىخان سېلىندى. بايرامنىڭ ئەڭ گۈزەل كۆرۈنۈشلىرىدىن بىرى بولسا، پائالىيەتكە قاتناشقان كۆپلىگەن بالىلارغا «ھېيتلىق پۇل» تارقىتىلىشى بولدى. بۇ ئارقىلىق مىللىي ئەنئەنىلىرىمىز ياش ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە قايتا جانلاندۇرۇلدى.

پائالىيەت سائەت 15:30 ئەتراپىدا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى، زۇلۇم ئاستىدىكى خەلقىمىزنىڭ نۇسرەت تېپىشى ۋە مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

Leave a Reply

Discover more from شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading